Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 9:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئى ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنىڭ قۇدرىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىلغا ئېلىنار. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 9:15
30 Referans Kwoze  

سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.


بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولدا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا بويسۇنمىدۇق.


سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خەلقىڭدۇر ھەم خىزمەتكارلىرىڭدۇر.


لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟


مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرئەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ قولۇمنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، _ دېدى.


خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان.


بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.


ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ.


مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇپ، مۆھۈر بېسىپ، كۈمۈشنى تارازىدا ئۆلچەپ ئۇنىڭغا بەردىم.


تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.»


ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.


چۈنكى ئۇلار ساڭا تەۋەدۇر، سېنىڭ ئۆز خەلقىڭدۇر. سەن ئۇلارنى مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىقتىڭ.


بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم.


شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم.


مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.


ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.


بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىۋالغان تۈگۈنچەكنىڭ بىزگە مەلۇم نەرسىنى ئەسلىتىپ تۇرغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار.


چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە، مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى›».


ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،


مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.


ئى پەرۋەردىگار، بىز رەزىللىكلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەزىللىكلىرىنىمۇ ئىقرار قىلىمىز. بىز ساڭا قارشى گۇناھ سادىر قىلدۇق.


«گۇناھ قىلدۇق، يۈز ئۆرۈدۇق، كەچۈرمىدىڭ سەن بىزنى.


لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite