Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 9:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇڭا سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى كەلتۈردۈڭ. سەن ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 9:14
16 Referans Kwoze  

ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا.


سەن بىزنى ھەق جازالىدىڭ. سەن ئىشەنچلىكسەن، لېكىن بىز رەزىللىك قىلدۇق.


مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.


ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا! قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى، شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى.


بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر.


پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ، ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ.


پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر.


ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! بۈگۈن بىز ئاز بىر قىسمىمىز بولسىمۇ، قۇتۇلدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»


ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا، ئىشەنچ باردۇر يوليورۇقلىرىدا.


يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟


خوجايىن بولۇپ دۈشمەنلىرى سىئونغا، روناق تېپىپ، گۈللىدى راسا. سىئون قىلغاچ كۆپ گۇناھ، پەرۋەردىگار ئازابتا قويدى ئۇنى، دۈشمەنلىرى ئەسىر ئېلىپ بالىلىرىنى، سۈرگۈن قىلدى ئۇلارنى.


ياش ۋاقىتلىرىڭدا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ. قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم قىلمىشىڭغا لايىق جازالايمەن. ئەي يېرۇسالېم، سېنىڭ قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ يەتمەسمىدى، نېمىشقا يەنە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ؟ بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›


بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite