Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 9:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 9:12
31 Referans Kwoze  

يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان جازا بىلەن جازالايمەن.


ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا، كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟ پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا، كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟


ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›


پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ، سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.


سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى.


چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.


چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.


مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»


ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.


ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، ۋەھىيلىرى يالغاندۇر. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ› دەپ تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلار مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى مېنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى كۈتىدۇ.


ھېچكىم ھۇجۇم قىلمىسىمۇ سودوم شەھىرىگە، سودوم شەھىرى تۇيۇقسىز ۋەيران بولدى. ۋاھالەنكى، خەلقىمنىڭ جازاسى سودوم شەھىرىدىن ئېغىر بولدى.


مەن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدۇ ھوقۇقدارلار، ئەمەلدارلار، بارلىق ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىلار.


مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.


ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.


شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.


ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


_ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن.


سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.


ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم.


‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن، سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite