1 مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى.
مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغدىغانىدىم.
مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوس 62 ياشلاردا ئىدى.
دانىيال بابىلدا پادىشاھ كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە تۇرۇپ قالدى.
دانىيال دارىئوس پادىشاھنىڭ زامانىدا ۋە پېرسىيەلىك كورەش پادىشاھ بولغان زاماندا مەرتىۋىلىك ياشىدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.
تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.
بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.
پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى.