Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن تېكىنىڭ قوچقارغا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇ شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدىكى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن قوچقارنى قۇتقۇزالمىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:7
8 Referans Kwoze  

جەنۇبتىكى پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.


شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.


ئاي شەھىرىنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قارىۋىدى، شەھەردىن چىققان ئىس-تۈتەكنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يا ئۇ ياققا، يا بۇ ياققا قېچىش ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى، چۈنكى دالاغا قېچىۋاتقان ئىسرائىللار ئەمدى كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلانغانىدى.


گەرچە سىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قاچقاندەك قېچىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىسىلەر. دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىلەر.


ئۇ مەن قانالنىڭ بويىدا كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ، غەزەپ بىلەن يۈگۈردى.


بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ھەم ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.


ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە يېتىپ باردى. ئۇ ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى.


قالغان ئۈچ مەخلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite