6 ئۇ مەن قانالنىڭ بويىدا كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ، غەزەپ بىلەن يۈگۈردى.
مەن نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، غەربتە بىر تېكە پەيدا بولدى. ئۇ شۇنچىلىك تېز يۈگۈرەتتىكى، پۇتلىرى يەرگە تەگمەيتتى. ئۇ پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مۈڭگۈزى بار ئىدى.
مەن تېكىنىڭ قوچقارغا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇ شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدىكى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن قوچقارنى قۇتقۇزالمىدى.