Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى بۇ ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:26
11 Referans Kwoze  

پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.


ئۇ مۇنداق دېدى: _ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ.


ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.


مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.


ئۇ ماڭا يەنە: - بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى پېچەتلەپ مەخپىي تۇتما، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللار مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلىرى كۆپ يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشارەتلىرى يىراق كەلگۈسى ھەققىدىدۇر.»


يەتتە گۈلدۈرماما جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق، ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىلىمە. ئۇلارنى مەخپىي تۇت» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ، ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite