Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئۇ ناھايىتى قۇدرەت تاپىدۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۇ قۇدرەتلىكلەرنىمۇ، خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:24
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت ئاياغ ئاستى قىلىندى. كىچىك مۈڭگۈز ھەممە ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.


چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ.


مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە يېتىپ باردى. ئۇ ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى.


يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»


ئۇ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇننىڭ سەركەردىسى بولغان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىدى.


بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ.


كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.


كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite