Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:22
8 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.


بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ھەم ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.


ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇراتتى. ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئۇزۇن بولۇپ، بىر مۈڭگۈزى يەنە بىرىدىن ئۇزۇنراق ئىدى. ئۇزۇنراق مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى.


ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.


تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر.


بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ.


ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى.


شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite