Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:21
9 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ.


ئۇ ماڭا: _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ماڭا ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ.


سەن كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقار مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.


سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


سىلىدىن كېيىن سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.


مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن، ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن. ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ، يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite