2 مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.
تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم.
ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.
زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،
پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ئوردىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ھەرەمخانىدىكى قىزلارغا مەسئۇل بولغان ھېگايغا تاپشۇرۇلدى.
شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ،
سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.
ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇراتتى. ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ئۇزۇن بولۇپ، بىر مۈڭگۈزى يەنە بىرىدىن ئۇزۇنراق ئىدى. ئۇزۇنراق مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى.
مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم.
مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
ئادار ئېيىنىڭ 14-كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى، لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا ئالمىدى.
شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى.
موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.
پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.
قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى.
ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.
پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇزا قەلئەسى پاتىپىراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ بىلەن ھامون شاراب ئىچىپ ئولتۇرۇشتى.
غايىبانە ئالامەتتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئاتلىقلار مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرەك قالقانلىرى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت پۈركۈلەتتى.
ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن دانىيال پادىشاھ بېلشاززارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدىم.