18 ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن بېشىمنى يەرگە قويدۇم ۋە ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى ۋە مېنى تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.
پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇيقۇ باسقانىدى. ئۇلار ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنى كۆردى.
ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى.
ئۇ سۆزىنى باشلا باشلىماستىن، روھ ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم.
خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن.
دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى.
مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى.
مەن ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي، تېڭىرقاپ قالدىم.
جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.
كىشىلەر غەرق ئۇيقۇدا، كېچىنىڭ قالايمىقان چۈشلىرى قاينىمىدا ياتاتتى.
كۈن پېتىۋاتقاندا ئىبرام قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنى قورقۇنچلۇق بىر قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.