دانىيال 8:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى. Gade chapit la |
ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىللىك كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.