16 مەن تۇيۇقسىز: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.
پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.
«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى.
كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.
مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.
ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان
شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: