14 يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.
كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ 1290 كۈن ئۆتىدۇ.
پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.
ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.
ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى بۇ ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.
دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز ھەمدە 42 ئاي يۈرگۈزەلەيدىغان ھوقۇق بېرىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن دېيىلگەن. خۇدا ئىبراھىمغا: «ھەممە مىللەتلەرگە سەن ئارقىلىق بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ، بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان.
ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!