12 پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت ئاياغ ئاستى قىلىندى. كىچىك مۈڭگۈز ھەممە ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟
ئادالەت چېكىندى، ھەققانىيەت يىراقتا، سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن، ئادىللىق كېلەلمەيدۇ.
ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.
شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىدۇ. لېكىن ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى.
مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ، ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ.
بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى، باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى.
لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ، خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر.
داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار رەزىللەرنى، ئەسلىگە كەلتۈرمەس قايتىدىن ئۇلارنى. چۈنكى ئۇلار كۆزگە ئىلماس خۇدانىڭ ئەجرىنى، پىسەنتىگە ئالماس ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى.
مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم. ئۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.