Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 8:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 مەن دانىيال پادىشاھ بېلشاززارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 8:1
11 Referans Kwoze  

مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى: تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى.


ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.


بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەھىمىلىك ھېس قىلىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.


ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ئازابتا يۈردۈم.


ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ ۋەيرانچىلىقتا يەتمىش يىل تۇرۇشى ھەققىدە يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزىنى ئوقۇدۇم.


مەن غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى.


كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.


مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم.


ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.


مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite