Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 7:7
17 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.


ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى.


سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.


پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: - نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.


ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە يېتىپ باردى. ئۇ ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى.


چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا بۇلۇتلاردا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى.


ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.


شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،


كىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالايدۇ؟ ئۇنىڭ چىشلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇقتۇر.


سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ.


مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite