Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 7:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئۈچ تال قوۋۇرغىنى چىشلىۋالغانىدى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 7:5
14 Referans Kwoze  

سىلىدىن كېيىن سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ، تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن. شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن، ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ھەي، دالىدىكى بارلىق ھايۋانلار، ھەي، ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ، خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار!


ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا.


ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا جاڭگالدىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42سىنى تىتىپ تاشلىدى.


مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.


بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.


ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite