24 ئون مۈڭگۈز بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.
مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.
ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.
پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.
ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى.
ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، ۋەيران قىلىدۇ.
سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ.