Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 7:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 7:19
4 Referans Kwoze  

شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.


مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇراتتىم. مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىرگە قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.


مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite