Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




دانىيال 7:16
14 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.


ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.


ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.


_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن.


ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: _ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم.


«بۇ تۆت مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر.


جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.


مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: _ بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە، ئىسرائىلىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن كۈچلۈك ئەللەردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite