Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 6:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرگەيلا. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 6:8
11 Referans Kwoze  

كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.


ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى خانىش پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا.


ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە. _ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، _ دېدى پادىشاھ.


ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ، ناھەق تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ پەرماننى پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلىدى ۋە ئۇنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.


شۇڭا ھامون 1-ئاينىڭ، يەنى نىسان ئېيىنىڭ 13-كۈنى ئوردىدىكى پۈتۈكچىلەرنى يىغىپ، ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا پەرمان يازدۇردى. پەرمانلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. پەرمان پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى ۋە پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەندى.


ئەمدى سىلەر يەھۇدىيلار ھەققىدە مېنىڭ نامىمدا خالىغىنىڭلارچە پەرمان يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم بىلەن مۆھۈرلەڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلەنگەن ھەرقانداق پەرمان بىكار قىلىنمايدۇ.


ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاموننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى توختىتىشنى يېلىنىپ سورىدى.


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite