27 ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر. ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»
ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.
ئەي پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، ئۆچ كۆرۈڭلار يامانلىقنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جېنىنى، قۇتقۇزار رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇ سادىقلارنى.
پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تا ئەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.
بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.
ئى پەرۋەردىگار، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟ قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن، ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ
قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.
خۇدا ئازابلانغانلارنى ئازابلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، مۈشكۈلاتلار ئارقىلىق قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ.
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.
زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»
ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.
پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.
پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى!