دانىيال 6:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم. Gade chapit la |
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.
پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن».