21 دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!
ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى.
شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ پادىشاھ دارىئوس، ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!
پادىشاھقا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!
ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ: _ ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى.