19 ئەتىسى پادىشاھ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر سولانغان ئورەككە يول ئالدى.
شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.
سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىش بىلەن تەڭ قەبرىگە بېرىشتى.
دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ يەكشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى يوقلاپ باردى.
پادىشاھ ئوردىغا قايتا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ نېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچى ئۇخلىمىدى.
ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.