Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 6:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 6:14
10 Referans Kwoze  

ھىرود خان بۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى.


ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.


بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى.


ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار، يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى. ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite