Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇلار پادىشاھقا يەنە: _ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 6:13
9 Referans Kwoze  

ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار، يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى. ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.


پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!


ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا: _ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟


ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.


بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى.


ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ، رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىپ، يالغان شىكايەت قىلدى.


بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى.


كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانسۇن» دەپ جاكارلىغانىدىلە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite