11 پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ پادىشاھ دارىئوس، ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!
چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.
ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،
مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى.
ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.
ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.