8 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلىرى كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى.
دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى.
تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈما ۋە مۇنەججىملەرنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.
شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!
بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار».
مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم.