Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 پادىشاھ ۋارقىراپ، سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلىدۇ ۋە بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 5:7
28 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى. ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.


مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى.


ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئۆزىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەردۈرۈش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن،


مەن سېنى زىبۇ-زىننەت بىلەن ياساندۇردۇم، قولۇڭغا بىلەزۈك سالدىم، بوينۇڭغا زەنجىر ئاستىم،


ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى. قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟ قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟ قېنى، ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟ ئەمدى شۇلار كېلىپ سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ!


ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار.


نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ، نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.


ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر.


بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننى بارلىق ئەمەلدارلاردىن يۇقىرى ئەمەلگە قويدى.


ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشەتتى.


ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگار بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى.


مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى.


موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!


بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى.


پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.


دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.


پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەر، پالچى، ھۆكۈما، مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.


مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈما ۋە مۇنەججىملەرنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite