25 تامغا «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش» دەپ يېزىلغاندۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى.
بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر: سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى،
پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى: «ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي،
سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى. سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.
لېكىن بېشىڭغا شۇنداق چوڭ بالايىئاپەت كېلىدۇكى، سەن ھەرقانداق جادۇگەرلىك ئىشلىتىپمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن. بېشىڭغا چۈشكەن بۇ بالايىئاپەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايسەن. بۇ بالايىئاپەت شۇنداق تېز كېلىدۇكى، سەن ئۇنى بىلمەيلا قالىسەن.
كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ.
لېكىن سىلەر بويسۇندۇرغان ئەللەر تۇيۇقسىز قەرز ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار قوزغالسا، سىلەر تىترەيسىلەر. ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر.
كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.
لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.