Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 5:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 5:20
27 Referans Kwoze  

ھېچقايسىڭلارنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن جاھىللاشماسلىقى ئۈچۈن، «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماستىن، خۇددى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش بوينىنى قاتتىق قىلىپ كەلدى.


لېكىن سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن.


ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.


ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر تەكەببۇرلار، مۇقەررەركى، جازاسىز قالماس ئۇلار.


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ، مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ. مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.


ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر. ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق! ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.


سىلەرنىڭ پىرئەۋندەك ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟


مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق قىلدىم: ‹ئۇ دەرەخ ئېگىز ئۆسۈپ، بۇلۇتقا تاقىشىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،


بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ھەم ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.


پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


پىرئەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويمىدى.


ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى.


پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite