دانىيال 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بوۋىسى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى. Gade chapit la |
سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.