Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 5:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇرۇشاتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 5:19
22 Referans Kwoze  

كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ» دەپ جاكارلىدى.


شۇ چاغدا جاكارچى يۇقىرى ئاۋازدا: «ئەي ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! بۇ سىلەرگە جاكارلانغان پەرماندۇر.


ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن.


- سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


شاراب ئادەم ئالدايدۇ. ھاكاۋۇر ئادەم ھېچقاچان جىم تۇرمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆردەك ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىدەك ئاچ كۆزدۇر. ئۇ بارلىق ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.


شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ياكى خەلق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان خۇدادىن باشقا خۇدا يوقتۇر، _ دېدى.


ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى، بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ئەۋىل-مىرودۇك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى.


ئۇنى ئەڭ كۈچلۈك ئەلنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. بۇ ھۆكۈمران ئۇنى رەزىللىكىگە لايىق جازالايدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم.


بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›.


ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ.


شىمالدىكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ.


پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


مەسئۇلىيىتىڭدىن قاچما ھەم يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالما، چۈنكى پادىشاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلالايدۇ.


دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.


جەنۇبتىكى پادىشاھ دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite