14 ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە دانا ئىكەنسەن.
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا: _ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى.
ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.
ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم:
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟
مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈما ۋە مۇنەججىملەرنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.
دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى.
پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.