1 بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ، پادىشاھ بېلشاززارنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى.
ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى.
ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!
شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.
ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.
ئۈچىنچى كۈنى پىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!
دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.