9 «ئەي دانىشمەنلەرنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن.
پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەر، پالچى، ھۆكۈما، مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى.
ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم:
بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم.
پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن. ‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا: _ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى.
بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار».
سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.
سىلەر بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق چاغلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيسىلەر: «دۈشمەننىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قېنى؟ ئولجىلارنى تىزىملىغۇچىلار قېنى؟ مۇنارلىرىمىزنى سانىغانلار قېنى؟»
ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ مىسىرلىقلارغا چۆل-باياۋاندا تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر چۈشۈرگەنلەر ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟
ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.
ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ.