Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:5
15 Referans Kwoze  

پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى. چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.


كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.


خان ئانىسى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ كەتمىسىلە، چىرايلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىسىلە!


ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى.


پادىشاھ ئۇلارغا: _ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى.


مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


مەن تۆشىكىمدە يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى.


دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.


مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى: تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى.


ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.


ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا قالسۇن.


پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەر، پالچى، ھۆكۈما، مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite