Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:4
13 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.


ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.


گۈزەللىكىڭ سېنى تەكەببۇرلاشتۇردى. پارلاق شان-شەرىپىڭ ئەقلىڭنى بۇلغىدى. شۇڭا مەن سېنى يەرگە تاشلاپ، باشقا ئەل پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى تۆكتۈم.


موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان. ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن.


ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.


دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.


ئالىيلىرىنىڭ قويغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر. بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېيىشتى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلىرى كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite