Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:36
11 Referans Kwoze  

بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.


شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»


بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ھېكمەتلىك سۆزۈڭلار كۈللەردەك پايدىسىزدۇر، سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلار لايدىن ياسالغان قالقاندەكتۇر.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ،


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite