دانىيال 4:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى34 بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر. Gade chapit la |
ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ئاڭسىز ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.