30 مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.
ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»
پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.
كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.
ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»
مەسخىرە قىلار، زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار. مەغرۇرلىنىپ، «زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار.
چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى، ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى.
ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا.
مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.
ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا! شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا، ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا.
زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيەسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى.
بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.
ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!»
كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.
بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى!
ئۇلار خۇددى شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىدۇ ۋە تېز كېتىدۇ، بۇ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ «ئىلاھى» ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىدۇر.
تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك، ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق.
ئۇ چاغدا، ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز.