Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:26
13 Referans Kwoze  

ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا قالسۇن.


ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ.


ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ˜ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن.


بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ھەيران بولۇپ: - ئەنجۈر دەرىخى قانداقچە بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى! - دەپ سورىدى.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار. ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش ئۇلۇغ پادىشاھ خۇدانىڭ تەختىدۇر.


پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».


پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى.


ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ بىز ئەرشتىكى خۇدادىن ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرنى يېشىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنەيلى، _ دېدى.


شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،


ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى!


ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.


ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى.


ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ئاڭسىز ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite