Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:23
4 Referans Kwoze  

ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ئاڭسىز ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


مەن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. بىرسى: «بۇ ۋەھىيدە دېيىلگەن ئىشلار قاچانغىچە داۋام ئېتەر؟ يىرگىنچلىك ئىشلار قاچانغىچە كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەر؟ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇن ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا قاچانغىچە دەپسەندە بولار؟» دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite