21 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ.
قۇشلار شاخلىرىغا ئۇۋا سالاتتى، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا ئەۋلاد قالدۇراتتى، ھەممە بۈيۈك ئەللەر ئۇنىڭ سايىسىدا ياشايتتى.
ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا.
ئۇ دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى.
چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ. ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن.
پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.
ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار، ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار.
ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ.
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.