20 چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ. ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن.
ئاسسۇرىيەگە قارا، ئاسسۇرلارمۇ لىۋاندىكى بىر تۈپ كېدىر دەرىخىدەك ئىدى، ئۇنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ئەتراپىغا سايە تاشلايتتى، ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشقانىدى.
مېنىڭ ئۇ كېدىر دەرىخىنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند قىلغانلىقىمنى باشقا ئەللەر ئاڭلاپ، قورقۇپ، تىترىشىپ كەتتى. ئىلگىرى ئېرەم باغ ۋە لىۋاندىكى چېغىدا تولۇق سۇغۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆلۈكلەر ماكانىغا كەلگەنلىكىدىن تەسەللى تېپىشتى.
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ.