Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




دانىيال 4:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار».

Gade chapit la Kopi




دانىيال 4:18
14 Referans Kwoze  

مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈما ۋە مۇنەججىملەرنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلىرى كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى.


پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.


دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.


ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشتى.


مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.


يۈسۈپ مۇنداق دېدى: _ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ يۇمران شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ.


پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.


ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite