پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».